作词 : israfil作曲 : elyon beats编曲:israfilHOOK:كۆزلەرىمدە ياش تارام-تارام.كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ.كۆزلىرىمدە ياشلىرىم تارام.كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ.verse;1كەتتىڭغۇ سەن ۋاقىتسىزلا ياكى ماڭا دەپ قويمايياش تامچىغان ئالبومغا قاراپ ئەمدى سېنى ئويلاپقىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى باسالمىغان يوللارنىتۈگىتەلمىگەن رەپلەرنى سەن ئۈچۈن مەن ئېيتايسەھنىلەردە ئېيتقان ئىدۇق ، بىز نەچچەيلەن رەپلەرنىيىغىلغاندا خۇش چاقچاقتا سالاتتىڭ سەن پاراڭلارنىئۇنتۇمايمەن ھەر ۋاقىت ھېلىھەم مېنىڭ يادىمداتېيىلىش تاختىسىغا چىقىۋېلىپ ئارلايتتۇق بىزكوچىلارنىپۇتبول مەيداندىكى ماھارىتىڭ ھەربىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىداھەقىقىي ئۆزۈڭ تاپالايتتىڭ ياپ-يېشىل جەڭگاھتاكۈلۈپ تۇرغان سىمايىڭ تۈنۈگۈنمۇ كۆز ئالدىمداكۆرەلمىگەچ سىمايىڭنى بۈگۈن كۆڭلۈم قايغۇدابەلكىم بۇنى چۈشمىكىن دەيتتىمئۇ ئىشلارغا ئىشەنمەيتتىمرېئاللىققا ئىشەنمەيمەن ، داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدىمئەسلىگەندە سېنى ئۇنىڭ كۆزىگە ياش ، كېلەتتى ،ھەر كىشى سېغىنغاندا كۆزلىرى نەملىشەتتى.قايتىپ كەل دوستۇم ، ئۆتۈنەي ، كەتمىگىن ،كۆزلىرىمدە ياش دەپ ئېيتقانتىڭ ، بىللەتىم .قەيەرلەردە يۈردۈڭ بىراق سىمايىڭنى كۆرمىدىم ،قايتىپ كەل ، دوستۇم كەتمىگىن دەپ ئۆتۈندۈم.HOOK:كۆزلەرىمدە ياش تارام-تارام.كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ.كۆزلىرىمدە ياشلىرىم تارام.كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ.verse;2ئاياغ ئىزىڭ قالغانىدى سەن دەسسىگەن تاختىدايەنە ئىزى قالغانىدى ، تەپىكەن ئاشۇ توپلىرىڭدا ،قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى سەن ئوقۇغان ھەر بىر كۈيلەرقالدى يەنە ئاۋازلىرىڭ ياڭراق بولغاچ مىكرافوندابەش ئەزانىڭ بىرسى بولمىسا،مۇكەممەل تەن بولمىغاندەك،ئەمەلىيەتتىمۇ بەزى ئىشلار تازا ياخشى بولمايۋاتىدۇ.شۇڭا سېنىڭ يوقلۇقۇڭ ، گاھى بىزگە بېلىنىۋاتىدۇ ،قايتىپ كەلسەڭچۇ تېزراق ھەممەيلەن سېنى ساقلاۋاتىدۇ.قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات سەن دوستۇمسىمايىڭ ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا دوستۇمكۈلۈپ تۇرغان سىمايىڭنى ئۇنتۇمايمەن تائەبەدقولغا ئالسام مىكرافوننى يادىمغا كېلىسەن ھەر نۆۋەتكەلگۈسىدە سەن بىر لاياقەتلىك ئاتا ئىدىڭيېڭى يازغان رەپلىرىڭنى دائىم بىزگە ئېيتىپ بېرەتتىڭرەھمەت دەيمەن سېنىڭ ماڭا قىلغان ھەربىر ياردىمىڭگەئەسلەيمەن سېنى دائىم تاكى نەپىسىم تۈگىگىچە.دەپ قارايمەن مەڭگۈ ھايات لاۋۇلداپ ھەم ئۆچمەيسەنسۈرىتىڭ بولغاچ ، ئالبۇمۇمدا سېنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن ،ئامان بولغىن خەير دوستۇم خاتىرجەملىك ساڭا يارقەبرەڭ ئالدىدا يېغلىغانلار ساناقسىز سەن بىلمەيسەن.HOOK:×2كۆزلەرىمدە ياش تارام-تارام.كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ.كۆزلىرىمدە ياشلىرىم تارام.كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ.